
بالىنىڭ نەزىرىدىكى ئاتا
يەتتە ياش : « دادام ھەقىقەتەن قالتىس، ھەممىنى بىلىدۇ».
14ياش:«بەزى ۋاقىتلاردا قىلغان گەپلىرى توغرا ئەمەس».
20ياش:«دادام سەپتىن چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ نەزەرىيىللىرى زامانغا زادىلا ماشلاشمايدۇ».
25ياش:«دادام ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ«.
35ياش:«ئەگەر دادام ئەينى ۋاقىتتاماڭا ئوخشاش تەجىرىبىلىك بولغان بولسا ، ھازىر چۇقۇم كاتتا باي بولغان بۇلاتتى.«
45ياش:«مەن دادام بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باققان بولسام ، بەلكىم ماڭا يول كۆرسەتكەن بۇلاتتىكىن...»
55ياش:«ئەپسۇس ، دادام ئالەمدىن ئۆتتى،راستىنى ئېيىتقاندا ،ئۇنىڭ كۆز قارىشى ھەقىقەتەن دانا ئىدى«.
60ياش:« بىچارە دادا! سىزنىڭ بىلمەيدىغىنىڭىز يوق ، ئالىم ئىدىڭىز. ئەپسۇس ، مەن سىزنى بەك كېچىكىپ چۈشىنىپتىمەن......».