1. سىز بىلەن تونۇشىشتىن بۇرۇن مۇكاپات ئالاتتىم، مانا ئەمدى نەچچە پەندىن ئۆتەلمىگىلى تاسلا قالدىم...
2. ئەگەر مەندە بىر ئالما بولسا، ئۇنى سىزگە بېرىمەن؛ ئەگەر مەندە ئىككى ئالما بولسا، ئەڭ چوڭىنى سىزگە بېرىمەن... (كىم بىلىدۇ، تېخى...)
3. سىز بىلەن تونۇشىشتىن بۇرۇن مەن ھېچقانداق قىز بىلەن يۈرۈپ باقمىغان... (ئەمەلىيەتتە ...)
4. سىز ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا مەندىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋالسىز، لېكىن مەن ... بوتۇلكىدىن... (تازىمۇ بىر ساراڭ ئاداش ئوخشايدۇ، بۇ !)
5. سىز مەندىن تۇنجى قېتىم «ئەگەر مەن باشقا ئوغۇللار ياخشى كۆرۈپ قالسام قانداق قىلىسىز؟» سورىغان ۋاقتىڭىزدا، «مەن ئۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېگەنىدىم. ئەمما مەن سىزدىن «ئەگەر مەن باشقا قىزلار ياخشى كۆرۈپ قالسامچۇ» دەپ سورىسام، نېمىشقا «سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەيسىز؟!... قائىدە بويىچە سىزمۇ باشقىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭىز كېرەكتە...
6. سىز مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلسىڭىز، مەن سافادا ئۇخلايمەن، مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارساممۇ ئوخشاشلا سافادا ئۇخلايمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا دۇنيادا ئادىللىق قالمىغان بولسا كېرەك...
7. سىز بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، دوستلىرىم بىلەن ئۆيگە قايتقاندا، ئېچىم شۇنداق سىقىلاتتى، سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىدى... (قەستەن ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش)
8. مەن بۇرۇن ماڭا نىسبەتەن ھەممە نەرسە مۇھىم دەپ قارايتتىم، سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، قىسقىسى مەن بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەندىم... (ئىلگىرى نەچچە ...)
9. بۇرۇن تۇرمۇشۇم ھەقىقەتەن تەرتىپسىز ئىدى، كىتاب ئىشكاپىم، كومپيۇتېر ئۈستىلىم ۋە تاماق شىرەلىرىنى كۆرىدىغان بولىسىڭىز، قورقۇپ كېتەتتىڭىز، ئەگەر ھازىر بېرىپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرىسىز، سىزنى ئالداۋاتقىنىم يوق ...
10. مەن ئىلگىرىكى ئۆزۈمنى خۇدى بىر كىچىك بالىدەك ئويلايتتىم. قىسقىسى ھېچكىم مېنىڭ شۇ سەبىي قەلبىمنى ئۆزگەرتەلمەيتتى، ئەمما سىز مېنى باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، مەن مۇھەببەتنىڭ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندىم...